2009/03/16

ئىمتىھان

ئىمتىھان

ئىمتىھان،
كۆرەڭلەپ تۇرارسەن قامچاڭنى شىلتىپ،
ھەر بىرىمىزنىڭ بېشىدا.
ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالماس،
پەيلىڭ ياماندۇر،
ئىشسىز قويىمەن دەيسەن،
تارتىۋالىمەن دەيسەن مال-بىساتىمىزنى.
قالارمىز ئاچ-توق كوچىدا،
داڭقېتىپ تۇرغۇنىمىزچە،
نېمىنى خاتا قىلىپ قويغۇنىمىزنى ھېچ بىلمەيمىز،
تاللاشنىمۇ يا بوش ئورۇننىمۇ؟

ھەي ئىمتىھان سېنى دەپ،
قانچىلىغان يۈرەكلەر پۇچۇلاندى،
قانچىلىغان ئۆسمۈرلەر بولدى ناكا،
قانچىلىغان قىزلار بولدى خازان،
قانچىلىغان داچەنلەر خەجلەندى،
قانچىلىغان بەللەر مۈكچەيدى؟
كىم-كىملەر بىلەن بىللە ياتتى؟
كىملەر باي بولدى،
كىملەرنىڭ بالىلىرى ماڭدى ئوقۇشقا؟

ئىمتىھان سەن بويۇندىكى سىرتماق،
ئادەمىيلىكنىڭ دۈشمىنى.
خوشاللىقنىڭ كۈشەندىسى،
ئەركىنلىكنىڭ قەپىزى.
كىشنەپ تۇرغان تەبىئىتىمنى كۆندۈردۈڭ،
ئۆزەڭنىڭ تۈگىمەس كوتۇلداشلىرىڭغا.
سەندىن مەڭگۈ قۇتۇلسام دەيمەن،
قايتىپ بارسام ئاشۇ يايلاققا،
ئوغۇز دادام ياشىغان،
ئات چاپتۇرسام، ئوقيا ئاتسام،
جەرەن گۆشى پىشقاندا،
خوتۇنۇم چىقسا ئەتكەن چاينى كۆتۈرۈپ،
بالام چىقسا ئاغزىنى تامشىم.
ياشىسام ئىمتىھانسىز ئاشۇ يايلاقتا.

0 دە ئەۋەتكەن.:

ئىنكاس يېزىڭ:

ئىنكاسنى قايسى تىلدا يازسىڭىز بولىۋېرىدۇ، ئۇيغۇرچە يېزىش ئۈچۈن ئويغان كىرگۈزگۈچنى قاچىلاڭ.
ئەگەر Google ھېسابىڭىز بولمىسا Comment as دىن Name/URL ياكى Anonymous نى تاللاپلا يازسىڭىز بولىدۇ.