بۇ تېمىغا ئۆزەم يېقىندا چەت ئەل تورلىرىدىن كۆرگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا ئائىت مۇھىم خەۋەرلەردىن دوكلات بەرمەكچىمەن.
نوكىيا ئۇيغۇرچە يانفون بازارغا سالماقچى.
مۇنبەردىكى تورداشلارنىڭ قىزغىن ئىنكاسلىرى ئاخىرى نوكىياغا يېتىپ باردى، ئەقلىي يانفون بازىرىدىكى كەسكىن رىقابەت ئاخىرى ئەقلىي يانفون زومىگەرلىرىنى ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت بۇ كېچىككىنە بازارغا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى. نوكىيا ئاخىرى سامساڭ، موتورولا قاتارلىق رىقابەتچىلىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئۇيغۇرچە يانفون ئىشلەپ بازارغا سالدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇرۇمچىدىكى تارماق شىركىتى بەلكىم بۇ يىل يازلاردا رەسىمىي ئېچىلىپ بىر تۈركۈم ئۇيغۇر پىروگىراممېرلار قوبۇل قىلىنىشى مۇمكىن. بۇلار كەلگۈسىدىكى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ۋە بەزى باشقا يانفون پىروگراممىلىرىنى ئىشلەش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.
بىل گەيتىس فوندى جەمئىيتى ئۇيغۇرلارغا بېرىدىغان ياردىمىنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى.
بىل گەيتىس فوندى جەمئىيتى ئۆزىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ كىتابخانا قۇرۇلۇشى، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ساھەلەرگە بېرىدىغان ياردىمىنى بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۇردى. بۇ ياردەملەرنىڭ نەچچە مىليون دوللاردىن بىراقلا نەچچە يۈز مىليون دوللارغا يېتىپ بېرىشىدا ئۈمىد باركەن، كەلگۈسى 20 يىل ئىچىدە بېرىلدىغان ئومۇمىي ياردەم دەسمىيسى بىل گەيتىس فوندى جەمئىيتىنىڭ ئەسلىدىكى ئومۇمىي بايلىقىنىڭ 10% گە يېتىدىكەن.
مەملىكىتىمىز تەڭرىتاغ ياقىسىنى بويلاپ يامغۇرلۇق ئورمان بەرپا قىلىشى مۇمكىن
دۇنياۋى ھاۋا كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ھاۋارايىنى سۈنئىي كونتىرول قىلىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى نەتىجىسىدە، دۆلەت ئاجراتقان غەربىي رايوننى ئېچىش مەبلىغىنىڭ 20%نى شىنجاڭنىڭ سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا قارىتىلدىغانلىقى بېكىتىلىپتۇ. بۇ پۇل بىلەن كەلگۈسى 20 يىللىق تىرىشچانلىق ئارقىلىق تەدرىجىي ھالدا تەڭرىتاغنىڭ ئىككى يېقىدىكى ئويمانلىقلاردا ھاۋا كېلىماتى ئىنتايىن نەم بولغان ئىسسىق بەلغاغ ئورمانلىقى بەرپا قىلىندىكەن. ئۇ ئورمانلىق بەرپا قىلىنغاندىن كېيىن شىنجاڭنىڭ ھاۋا كېلىماتى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىنكەن. سۇ مەسىلىسى ئۈزۈل كېسىل ھەل بولۇش بىلەنلا قالماي، شىنجاڭنىڭ كەڭ يەر بايلىقىدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلنىش مۇمكىنكەن.
گۇگېل ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىشنى تەرەققىي قىلدۇرماقچى
بۇ نۆۋەتنى ئۇزۇن ساقلاپ ئاخىرى بىزگىمۇ كەپتۇ، google translator ئەمدى ئاخىرى ئۇيغۇرچىدىن باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى قوشماقچى. ئۇلارنىڭ ئاپتوماتلاشقان ئۇچۇر يىغىش ماشىنا ئادىمى توردىن تېزلىكتە ئۇيغۇرچە ھەم ماس ھالدىكى باشقا تىلدىكى ماتىرياللارنى تاپالايدۇ. مەسلەن، ئوخشاش بىر توربەتنىڭ ھەم ئۇيغۇرچە ھەم ئىنگىلىزچە مەزمۇنى بولسا، گۇگېل دەرھال بۇلارنى يىغىپ توپلايدۇ، ھەم تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەرجىمە سۆزلۈك ئامبىرىنى تەييارلايدۇ. بۇ يىل ئاخىرىغىچە بىزمۇ بۇ ئىقتىدارنى كۆرەلىشىمىز مۇمكىن.
تەكلىماكاننىڭ ئاسىتىدىن تاشقا ئايلانغان تاشقى پىلانت ئادىمى تېپىلىپتۇ
ئېلىمىز ئارخىلوگلىرى لوپنور كۆلى بويىدىكى سىرلىق رايونغا بولغان بوشاشماي تىرىشچانلىق بىلەن ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە، بىر چىڭ قۇلۇپلىۋېتىلگەن يەر ئاستى ئامبىرىنى بايقىغان. بۇ رايوننى سىرلىق دېيىشتىكى سەۋەب بەزىلەرنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بۇ رايونغا تەكشۈرۈشكە كىرگەنلەرنىڭ تۇيۇقسىز سىرلىق يوقاپ كەتكەنلىكىگە، ھەم چىخسىلاۋىيە ھەم ياپونلۇق ئېكىسپىلىتسىيچىلەرنىڭ بىرلىكتە قۇملۇقتا ياشايدىغان، شەكلى خۇددى بېلىققا ئوخشايدىغان، ئىنتايىن يوغان قۇملۇق مەخلۇقىنى رەسىمگە تارتىۋالغانلىقى سەۋەب بولغان. بەزى ئالىملار بۇ يەردە سىرلىق يوقاپ كەتكەنلەر بۇ رايوندا ئېلىپ بېرىلغان ئاتوم سىنىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېگەن قاراشلارنى ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ ئېلىمىز تەتقىقاتچىلىرى ئىنتايىن ئاقىلانىلىك بىلەن ئىنكار قىلغانتى. ھە راست ھېلىقى قۇلۇپلاقلىق ئۆيدە تېپىلغان ئۆيدىن يەنە ئىشكاپتەك چوڭلۇقتىكى نەچچە يالتىراپ تۇرىدىغان سۇيۇقلۇق قاچىلانغان ئەينەك ساندۇق بولۇپ، ئالىملار بۇنى كومپىيۇتىر بولۇشى مۇمكىن دەپ قىياس قىلىشماقتا، بۇ يەر ئاستى ئۆيىنىڭ ھاجەتخانىسىدا، قولىغا تازلىق قەغىزىنى تۇتۇپ، چىشلىرىنى كىرىشتۈرگىنىچە ئولتۇرۇپ تاشقا ئايلىنىپ قالغان بىر تاشقى پىلانت ئادىمى بايقالغان بولۇپ، ئۇ ئەينى چاغدا ئىچى سۈرۈپ كېتىپ ئالەم ئايروپىلانىغا كېچىكىپ قېلىپ، يەر شارىدا قېلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىنكەن. بۇ ھەقتىكى ھەر قانداق سۈرەت ۋە خەۋەرلەر قامال قىلىنغان. ئالىملار ئۇنىڭ چىراي شەكلى قەدىمقى يۈەنمۇ ئادىمىگە بەكمۇ ئوخشايدىغانلىقىنى ئاشكارلىغان. تېخىمۇ ئىچكىرلىگەن تەتقىقاتلار داۋاملىشىۋاتىدۇ.
يادرو قورالىنىڭ بىر بۆلۈكى يۈتۈپ كەتكەن
ئېلىمىزنىڭ پۈتۈنلۈكى، تاشقى دۈشمەنلەرگە قارشى تۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم بولغان يادرو قورالىنىڭ بىر بۆلۈكى يۈتۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى غۇلغۇلا پۈتۈن يەرنى قاپلىدى. ئەينى چاغدىكى مەسئۇل خادىمنىڭ ئېيتىشىچە ئۆزىنىڭ ناھايتى ساق ھالدا ئۇ بۆلەكنى ماشىنىنىڭ ئارقا ساندۇقىغا سېلىپ ئىشىكنى يېپىپ ئاندىن 5 يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدىكى تەبرىكلەش ئولتۇرىشىغا كەتكەنلىكى ئېسىدىكەن. ئۇ زاپچاسنىڭ قويۇپ قويغان ئامباردىن قانداق يۈتۈپ كەتكەنلىكى، ھەم بۇ ئىشنىڭ 30 يىلدىن بۇيان تېخى ئاشكارلانمىغانلىقى تېخى بىر سىر بولۇپ تۇرماقتا.
2009/04/01
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
خەتكۈچ: يۇمۇر
بۇ تېمىنى Kümüsh Oq سائەت 4/01/2009 03:05:00 PM
ئىنكاس يېزىڭ:
ئىنكاسنى قايسى تىلدا يازسىڭىز بولىۋېرىدۇ، ئۇيغۇرچە يېزىش ئۈچۈن ئويغان كىرگۈزگۈچنى قاچىلاڭ.
ئەگەر Google ھېسابىڭىز بولمىسا Comment as دىن Name/URL ياكى Anonymous نى تاللاپلا يازسىڭىز بولىدۇ.
بۇ يەرنى بېسىپ مۇشتىرى بولۇڭ
Post Comments - Atom






0 دە ئەۋەتكەن.:
ئىنكاس يوللاش