فېنلاندىيەگە كېلىپ خىزمەت قىلغىلى ئۈچ ئاي بولا-بولمايلا فېنلاندىيە كىملىكىنى بېجىرىشكە ئالدىرىدىم. مەقسىتىم باشقا ئەمەس، بۇ مۇز قاپاق خەقلەرنىڭ ئارىسىدا تۈزۈكرەك مۇڭداشقۇدەك بىر كىشى تاپالماي ئىچىم بەك سىقىلىپ كەتكەنئىدى. خىزمەتتىن چۈشكەن ۋاقتلىرىمنىڭ كۆپىنچىسىنى سەلكىن، بىلىك، بەرقى قاتارلىق مۇنبەرلەرنى ئارىلاپ ئۆتكۈزەتتىم. شۇ يەرلەردە گەپلىشىپ، باشقىلارنىڭ يازمىلىرىنى ئوقۇسام ئۆزەمنى خۇددى شىنجاڭنىڭ بىر يەرلىرىنى كېزىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ ئىچىم بوشاپ قالاتتى. كىملىك بىجىرىشتىكى مەقسىتىم بىرسىدىن فېنلاندىيەدە كىملىك بولسىلا ھەر قانداق كىتابخانىدىن ھەقسىز كىتاب ئارىيەت ئالغىلى بولىدۇ دەپ ئاڭلىغان. شۇڭا تېزرەك كىملىك بىجىرۋېلىپ بوش ۋاقىتلىرىمدا كۆپرەك كىتاب كۆرۈۋالاي دەپ ئالدىرايتتىم.
كىملىك بىجىرىش جەريانى توغىرلىق قىسقىچە توختىلاي. ماڭا تەسىر قىلغان بىرىنجى ئىشى ھۆكۆمەت ئورگانلىرىنىڭ قولايلىقلىشىشى ئىدى. مەن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن يېقىندا كۈندە خېلسىنكى شەھىرىگە قاتناپ ئىشلەۋاتقان ئىدىم. شىركەت ئورۇنلاشتۇرغان ياتاق تەمپېرا شەھىرىدە بولۇپ، ئىككىسىنىڭ ئارلىقى ماشىنىدا 2 سائەت كېلەتتى. ئۇ چاغ بىر دۈيشەنبە كۈنى بولۇپ، شىركەتنىڭ خېلسىنكىدىكى تارمىقىدىكى كاتىپىنى ئىزدەپ باردىم. ئۇ باشتا ماڭا سەن تەمپېرادا تۇرۇۋاتقان بولغاندىكىن تەمپېرادا بېجىرىشىڭ كېرەك. مەن تەمپېرادىكى ئادرىسىنى دەپ بېرەي دېدى. مەن بۇ ھەپتە جۈمە كۈنگىچە موشۇ يەردە ئىشلەيدىغانلىقىمنى تەمپېراغا قايتىپ بېجىرسەم بۇ ئىشنىڭ كەينىگە سۈرۈلۈپ كېتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ تۇرۇۋالدىم. ئۇ توختا ئەمىسە مەن تېلىفون قىلىپ باقاي دەپ قويۇپ بىر كىملەرگە تېلىفون قىلىپ كەتتى ۋە ئۇلار قوشۇلدى دەپ ماڭا بىر ئادرىسنى تۇتقۇزۇپ قويدى. شۇنداق قىلىپ خېلسىنكىدا تۇرۇپلا تەمپېرانىڭ "نوپوسى"نى بىجىرىۋالدىم. بۇ ئىشنىڭ ئالدى كەينىگە نەچچە سائەتمۇ ۋاقىت كەتمىدى. كېيىن ئاڭلىسام خېلسىنكىدىكى ئىدارە بۇنى تەمپېرادىكى ئىدارىگە ئەۋەتىپ بېرىدىكەن. ئاخىرىدا پۈتكەندىن كېيىن تەمپېرادىكى ئىدارە كىملىكنى مېنىڭ ئۆيۈمگە پوچتىدىن ھەقسىز ئەۋەتىپ بەردى. بۇ ئىشنى كۆرۈپ ئۆزەمنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يېزامدا ئەينى چاغدا كىملىك بېجىرىش ئۈچۈن ئون قېتىمدەك چاپقانلىقىمنى بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلغىنىمنى ئويلىسام كۈلگۈم كەلدى. مەن ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ تۇرپاننىڭ كىملىگىنى بېجىرىش مۇمكىنمىدۇ دەپ ئويلىنىپ قالدىم.
شۇنداق قىلىپ كىملىكنى ئالدىم. كىملىك دېسىلا بىر سۈرىتىم چۈشۈرۈلگەن قاتتىق كارتا ئېسىمگە كېلەتتى. بىراق ئۆيۈمگە كەلگىنى بىر پارچە قەغەز، ئۈستىدە تۇغۇلغان يىل ئاي كۈنۈمنى قوشۇپ ئاران 12 خانلىق بىر نومۇر باركەن. خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئېيتىشىچە بۇ قەغەزنى يېنىمدا ئېلىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوقمىش. پەقەت تۇغۇلغان يىل ئاي كۈنۈمنى چىقىرىۋېتىپ قالغان تۆت خانلىق ساننى ئېسىمدە تۇتۇۋالساملا بولىدىكەن. ما ئىشنى كۆرۈڭ دېدىم ئىچىمدە.
قېنى ئەمدى كىتابخانىلارنى ئارىلاپ باقىلى. باشتا بىر يەكشەنبە كۈنى تەمپېرادىكى مەركىزى كىتابخانىغا باردىم. بىراق يەكشەنبە كۈنى بولغاچقا كىتابخانىنىڭ چوڭ بىر بۆلىكى ئېچىلماپتۇ. پەقەت دۈيشەنبىدىن شەنبىگىچىلا ئېچىلىدىكەن. بىراق كېچىكرەك بىر بۆلىكى ئېچىلىپتۇ. ئۇ بۆلىكىدە قارىسام ساپلا فېنلاندىيە ۋە دۇنيانىڭ تارىخىغا ۋە مەدىنيىتىگە ئائىت كىتابلار باردەك قىلاتتى. كۆپىنچىسى فېنلاندىيە تىلىدا يېزىلغان بولغاچقا ئانچە ئايرىيالمىدىم. بىر كىتابتا جۇڭگو تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ ئىچىدە كونا ھەربىي فورما كىيگەن بىرسىنىڭ سەددىچىندا ھىجىيىپ تۇرغان رەسىمى بولۇپ ئۇنىڭغا جۇڭگونىڭ ھەربىي كىيىمى دەپ تونۇشتۇرۇلغان ئىدى. دېمەك كىيىم-كېچەك مەدىنيىتىگە دائىر كىتابكەن. يەنە ئېسىمدە قالغىنى ناپولىئوننىڭ تەرجىمھالى تۇرىدۇ. سومكامنى ئاسقىنىمچە كىتابخانىنىڭ ئىچىگە كىرىپ ھەممە يېرىگە كىرىپ ئايلىنىپ چىقساممۇ ھېچكىم سەن كىم، كىتابخانا كارتاڭ بارمۇ دەپ قويمىدى. بىلگەن بولسام چاندۇرماي بالدۇرراقلا كېلەتتىمكەن دېدىم ئىچىمدە.
كېچىكىمدە قانداق تونۇشۇپ قالغىنىم ئېسىمدە يوق. قومۇل ۋىلايەتلىك كىتابخانىغا بېرىشقا ئامراقتىم. ئۆيىمىز يېزىدا بولغاچقا ھەر قېتىم ۋېلسىپىت مىنىپ يېتىپ بارغىچە بىرەر سائەتكە يېقىن ۋاقىت كېتەتتى. شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى بېرىپ كىتاب ئوقۇپ، كىتاب ئارىيەت ئېلىۋېلىپ يېنىپ كېلەتتىم. ئۇ جايدا كىنىشكە بېجىرىشكە توغرا كېلەتتى. ئەڭ بېشىدا كىنىشكىنى 15 يۈەنگە بېجىرگىنىم ئېسىمدە. ئەينى چاغدا ئۇ پۇلمۇ ماڭا ئاز پۇل ئەمەس ئىدى. كېيىن مەن ئالىي مەكتەپكە چىقىشقا يېقىنلاشقاندا 2000-يىللىرى 50 سومغا ئۆسكىنى ئېسىمدە. ئەڭ يېڭى ژۇرنال ۋە كىتابلار خېلى بار ئىدى. ئۇيغۇرچە كىتابخانا بىلەن خەنزۇچە كىتابخانا ئايرىۋېتىلگەن بولۇپ خەنزۇچە كىتابخانا دائىم ۋاراڭ-چۇرۇڭ، ئادەم كۆپ ئىدى. ئۇيغۇرچە كىتابخانا دائىم جىمجىت ئىدى. بالىلار ئاساسەن يوق، ئاندا-ساندا پىشقەدەملەرنىڭ ژۇرنال كۆرۈپ ئولتۇرغىنىنى كۆرەتتىم. ئۇ يەردە ئىشلەيدىغان ئاكاش-ئاچاشلار مېنى تونۇيتتى، ھەم بەك ياقتۇراتتى. كېيىن ئۇيغۇرچە كىتابخانىنىڭ كىنىشكىسى بىلەن خەنزۇچە كىتاب ئارىيەت ئالسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بىلىپ، بىر مەزگىل خەنزۇچە كومپىيۇتېرغا ئائىت ژۇرناللارنىڭ ئۆتكەن يىللىق توپلاملىرىنى ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇپ كەتكەنئىدىم.
شۇنداق قىلىپ ئىككىنجى ھەپتىسى تەمپېرا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ كىتابخانىسىغا باردىم. بۇ قېتىم قورقمايلا ئىچكىرىگە قاراپ كېتىۋەردىم. ھېچكىم مېنى توختاڭ، سومكا ئېلىپ كىرسىڭىز بولمايدۇ، كىنىشكىڭىز بارمۇ دېمىدى. خۇشچىراي بىر ئايالدىن ئېنگىلىزچە كىتابلار قەيەردە دەپ سورىسام كۈلۈپ تۇرۇپ ھەممە يەردە بار، سىزنىڭ قانداق كىتاب كۆرۈشىڭىزگە باغلىق، بىرىنجى قەۋەت دەرسلىك كىتابلار، ئىككىنجى قەۋەت ئاممىباب كىتابلار، ئۈچىنجى قەۋەت ژۇرنال دەپ چۈشەندۈرۈپ كەتتى. رەھمەت دەپ قويۇپ، قېنى تەمپېرا ئۇنۋېرسىتىدا ئوقۇيالمىساممۇ بۇلارنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىنى بىر ئوغىرلىقچە ئۆگىنىۋالاي دەپ دەرسلىك كىتابلارنى قېزىشقا ماڭدىم. قىزىق يېرى دەرسىك كىتاب دەپ ئېيتقان جاھازلاردا پۈتۈنلەي دېگۈدەك شۇ ساھەدىكى دۇنيادىكى ئەڭ داڭدار تونۇلغان شەخىسلەر يازغان ئەسەرلەر تۇراتتى. دېمەك بۇلار ئالىي مەكتەپتە بىزگە ئوخشاش مەخسۇس دەرسلىك تۈزۈپ، شۇ بويىچە ئۆتۈپ يۈرمەيدىكەن. پەقەت ئەڭ يېڭى ئەسەرلەرنى دەرسلىك سۈپىتىدە ئىشىلتىدىكەن. دەپ ئويلىدىم.
فېنلانلىق ئوغۇل قىزلار ھورۇن كېلەرمىش. بۇ مېنىڭ ۋېنگىرىيەلىك خىزمەتدىشىم دەپ بەرگەن. فېنلاندىيەنىڭ بۈگۈنكى كۈنىنى ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى تىرىشىپ ياراتقان. بۇ ياشلار كومپىيۇتېر پىروگىرامما تۈزۈش دېگەندەك قىيىن كەسىپلەرگە قىزىقمايدىكەن. شۇڭا بۇنداق ئىشلار بىزدەك چەت ئەللىك ئىشچىلارغا قالىدىكەن. فېنلار پەقەت باشقۇرۇشنىلا ئۆگىنەرمىش. دېمىسىمۇ شىركەتتە باشلىقلارنىڭ ھەممىسى ساپلا فېنلاندىيەلىك، ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى ھىندىستانلىق، پورتۇگالىيلىك، ۋېنگىرىيەلىك، ئېرلاندىيەلىك، جۇڭگولۇق...يەنە نۇرغۇن. ھەي ئۇيغۇر ئوغۇل قىزلار موشۇ يەردە بولغان بولسا تەغدىرى قانداق بولار دەپ ئويلىدىم. بىز شۇنداق تىرىشچان جاپاكەشتەك ھېس قىلىمەن.
شۇلارنى ئويلاپ توختا بۇلارنىڭ باشقۇرۇش ئىلمىنى بىر تەتقىق قىلىپ باقاي دېدىمدە دۇنياغا داڭلىق بىرسى چىقارغان بازار باشقۇرۇش دېگەن كىتابنىڭ 12-نەشىرىنى كۆتۈرۈپ مۇنۇنى ئارىيەتكە ئالىمەن دېدىم. كىتابخانا كارتىڭىز بارمۇ، يوق. ئەمىسە پاسپورتىڭىز، ياكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىرەر نەرسىڭىزچۇ، ئاپلا ھېلىقى خىزمەتدىشىمنىڭ گېپىگە كىرىپ ھېلىقى تۆت خانلىق سان ئەسقاتىدۇ دەپ ھېچنىمىنى ئالماي كەپتىمەن. ئاخىرى ئەسقاتمىدى. شۇنداق بولسىمۇ بىر جەدىۋەل بېرىپ بۇنى تولدۇرۇپ قويۇڭ. سىز كېيىنكى قېتىم پاسپورتىڭىزنى ئالغاچ كەلگىچە بىز كارتىڭىزنى بېجىرگەش تۇرايلى دېدى. شۇنداق قىلىپ بىر جەدىۋەلنى تولدۇرۇپ قويۇپ قايتىپ كەتتىم. كېيىنكى ھەپتىسى بارسام راستىنلا كارتىنى تەييار قىلىپ قويۇپتۇ. بۇ قېتىم ئۆزەمنى بىلىپ ئۆز كەسپىمگە سادىق بولاي دەپ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار دېگەن كىتابنىڭ بىرىنجى تومىنى كۆتۈرۈپ يېنىپ كەلدىم. ئىشقىلىپ فېنلاندىيەدە كىتابخانىدىن كىتاب ئارىيەت ئېلىش ئۈچۈن پەقەت پاسپورت بولسىلا كۇپايە ئىكەن. فېنلاندىيە كىملىكىمۇ كەتمەيدىكەن. ئەگەر سىلەرمۇ فېنلاندىيەگە كېلىپ قالساڭلار مەندەك كىملىك ساقلاپ 3 ئاينى زايە قىلىۋەتمەڭلار. يەنە كىتاب ئارىيەت ئېلىش ھەقسىز بولغىنى بىلەن، كىتابنى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە يەنى دەرسلىك كىتابلار 2 ھەپتە، باشقا كىتابلار 4 ھەپتە، ژۇرناللارنى پەقەت ھەپتە ئاخىرىدىلا ئارىيەت ئالغىلى بولىدىكەن. ۋاقتىدا قايتۇرۇڭلار. بولمىسا ئېغىر جەرىمانىسى باركەن. مېنى دەپ قويمىدى دەپ ئاغرىنماڭلار.
2009/04/14
فىنلاندىيەدە كىتابخانىغا بېرىشتىن تەسرات
خەتكۈچ: فىنلاندىيە
بۇ تېمىنى Kümüsh Oq سائەت 4/14/2009 09:08:00 PM
ئىنكاس يېزىڭ:
ئىنكاسنى قايسى تىلدا يازسىڭىز بولىۋېرىدۇ، ئۇيغۇرچە يېزىش ئۈچۈن ئويغان كىرگۈزگۈچنى قاچىلاڭ.
ئەگەر Google ھېسابىڭىز بولمىسا Comment as دىن Name/URL ياكى Anonymous نى تاللاپلا يازسىڭىز بولىدۇ.
بۇ يەرنى بېسىپ مۇشتىرى بولۇڭ
Post Comments - Atom






0 دە ئەۋەتكەن.:
ئىنكاس يوللاش