2009/05/06

پىئانىنو ۋە كىنو

پىئانىستلار بىلەن پروگىراممېرلار بىر نۇقتىدا ئوخشىشىدۇ، ھەممىسى كونۇپكا تاختىسىنى چالىدۇ، پىئانىستلار پىئانىنونىڭ كونۇپكا تاختىسىنى چېلىپ ئۆز ھېسسىياتلىرىنى ئىپادىلەيدۇ، پروگىراممېرلار بولسا، كومپىيۇتېرنىڭ كونۇپكا تاختىسى بىلەن كىشىلىك دۇنيادىكى ھەقىقەتلەرنىلا ئىپادىلىيەلەيدۇ، كومپىيۇتېرنىڭ كونۇپكا تاختىسىدىن ئۆز ھېسسىياتلىرىنى ئىپادىلەيدىغان مۇزىكا چالغىلى بولمايدۇ، بىز ئۆز ھېسسىياتىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئاغزىمىزغا ياكى قەلەمگە تايىنىشىمىز كېرەك.


نېمىشقىكىن پىئانىنونى بەك ياخشى كۆرۈپ قالدىم. بەلكىم خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن كىشى ئۆمرىدە قىلالايدىغان ئىشلارنىڭ ئەمىليەتتە ناھايتى چەكلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىمدىن بولسا كېرەك. كۆڭلۈمدىكى ھېسسىياتلىرىمنى پىئانىنو ئارقىلىق ئىپادىلمەكچىدۇرمەن. پىئانىنونى ياخشى كۆرىمەن دېگىنىم بىلەن ئۇنى ئۆگىنىشكىمۇ ۋاقىت چىقىرالمايمەن. ئۇنى پىنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئۆگىنىشكە ئېلىپ قويدۇم. ئەمىليەتتە ياخشى كۆرىمەن گەپنى قىلىشقا لايىق ئەمەسمەن، چۈنكى كىشىلەر ئادەتتە بىر نەرسىنى ياخشى كۆرىمەن دېگەن سۆز ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شۇ كەسپنىڭ ئەھلى ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بېرىدىغان بولۇپ كەتتى. مەن بولسام ئاسانلا پىئانىنونى ياخشى كۆرىمەن، پۇتبولنى ياخشى كۆرىمەن دەپ ئاغزىمغا كەلگەننى دەۋېرىمەن، ئەمىليەتتە داڭلىق پىئانىستلارنى ساناپ بېقىڭ دېسە، بېتخوۋىن بىلەن موزاتتىن نېرىغا ئانچە ئۆتەلمەيمەن.
مەن ئەسلىدە پىئانىنونى تېما قىلىپ ئىشلەنگەن كىنولارنى ياخشى كۆرىمەن دېسەم بولىدۇ، چۈنكى موشۇ كەمگىچە شۇنداق كىنولارنى ئەڭ كۆپ كۆرگەن كىشى بولسام كېرەك. تۆۋەندە بۇ كىنولارنى تونۇشتۇراي...
ئالدىدىكى ئۈچ كىنو ياخشى، تەۋسىيە قىلىمەن، كېيىنكى ئىككىسى مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا تىزىپ قويدۇم.

1. دېڭىزدىكى پىئانىست
The Legend of 1900(1998)
海上钢琴师

From Drop Box

1900 يىلى ئاتلانتىك ئوكياننى كېسىپ ئۆتىۋاتقان پاراخوتتا بىر بوۋاق تۇغۇلىدۇ ھەم تاشلىۋېتىلدۇ. كېيىن بۇ بوۋاق دېڭىزدىكى بىر قارا تەنلىك ئىشچى تەرىپىدىن بېقىۋېلىنىپ، پۈتۈن ئۆمرىدە پاراخوتتىن چۈشۈپ باقمايدۇ. ئۇ كېچىكىدىن پىئانىنوغا ھەۋەس قىلغاچقا كېمىدە پىئانىستلىق قىلىپ كۈن كەچۈرىدۇ، داڭقى كەڭ تارقىلىدۇ، بىر كۈنلەردە ئۆزىنى جاز مۇزىكىسىنىڭ ئۇستازى دەۋالغان بىرى بۇ كىشىگە جەڭ ئېلان قىلىدۇ... بۇ كىشىنىڭ ئىسمى 1900...
2. پىئانىست
The Pianist(2002)
钢琴家
From Drop Box

پولشالىق يەھۇدىي پىئانىست ئەسلىدە دۆلەتلىك رادىئو ئىستانسىسىدا پىئانىنو چالاتتى، فاشىستلار باستۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن ئۇ ئامالسىز پىئانىنونى سېتىۋېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ، ئۇلار ھەممىسى ئەتراپى قورشالغان ئالاھىدە رايونغا ئەۋەتىلدۇ، كىشىلەر پويىزلاردا يىراق-يىراقلارغا توشۇلاتتى، بىراق ھېچكىم قايتىپ كەلمەيتتى، ئاخىرى سوۋىتلار ئۇنى خارابىلىككە ئايلانغان ئۆينىڭ تورۇسىغا مۆكۈۋالغان يېرىدىن تاپقاندا سوغۇققا چىدىيالماي فاشىستلارنىڭ پەلتوسىنى كىيىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ ئېتىۋەتكىلى قىل قالىدۇ...
3. يالغۇز پىئانىست ئىتالىيە
Piano, solo(1995) Italy
寂寞钢琴师
From Drop Box

ئۇ ئەسلىدە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئافرىقىدا چوڭ بولغان، ئۇ چاغلاردا دادىسى ئافرىقىدا ئىشلەيتتى، بىر چىقىپ كەتسە ئايلاپ قايتىپ كەلمەيتتى، بۇنداق چاغلاردا ئۇ تولىمۇ يالغۇزلۇق ھېس قىلاتتى، كۆپ ۋاقىتلىرىنى ئاپىسى بىلەن پىئانىنو چېلىشنى ئۆگىنىپ ئۆتكۈزەتتى، بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسدە ئانىسى تۈگەپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ كېچىككىنە قەلبىنە مەن ئانامنى ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولدۇم دېگەندىن باشقا ھېچنىمە قالمايدۇ...
كېين ئۇ ئىتالىيەگە قايتىپ پىئانىنو چېلىپ داڭق چىقىرىدۇ، چىرايلىق قىز دوست تاپىدۇ، بىراق يېققىن ھەمراھىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشى تۈپەيلىدىن كېچىكىدىكى جاراھىتى قايتا قوزغىلىدۇ، ئۇ نۇرغۇن مەزگىلنى ئۆزىنىڭ پىسخىك كېسىلى بىلەن قارشىلىشىپ ئۆتكۈزىدۇ، ئاخىرى ھاياتىنى تاماملاشنى تاللايدۇ...
http://www.tom365.com/movie_2004/html/6533.html
4. پىئانىنو دەرسى
The Piano (1993)
钢琴课
From Drop Box

بۇ پىئانىنو ئوقۇتقۇچىسى ئەسلىدە ئوقۇتقۇچى ئەمەس، ئۇ قانداقتۇ بەلكىم پۇلنى دەپ بىر يەر ئىگىسىگە ئۆيلىندۇ، ئۇنىڭ ئېرى پىئانىنوغا پەقەتلا قىزىقمايتتى، يەنە كېلىپ يارىماس ئىدى، ئۇزاق مەزگىل زېرىكىشلىك تۇرمۇش ئاخىرى بۇ ئايال بىلەن خوشنىسىنىڭ ئارىسىدا مۇھەببەت پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ...
5. پىئانىنو ئوقۇتقۇچىسى
The Piano Teacher (2001) France
钢琴老师
From Drop Box

فىرانسىيلىك داڭلىق پىئانىست ئايال ئەسلىدە بىر پۇتبول ئەتىرتىنىڭ قاۋۇل ئەزاسىغا پىئانىنو دەرس بېرەتتى، باشتا بۇ يىگىت ئۆزىنى باسالماي بۇ ئايالغا چاخچاق قىلىدۇ، لېكىن بۇ ئايالنىڭ پىسخىك كېسىلى بار ئىدى، ئۇ باشقىلار تەرىپىدىن خورلىنىشنى بەك تېتىپ باققۇسى بار ئىدى، ئاخىرىدا ئۆزى ئۈمىد قىلغان خورلۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن بولسا ئازاپقا چىدىماي ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ.

0 دە ئەۋەتكەن.:

ئىنكاس يېزىڭ:

ئىنكاسنى قايسى تىلدا يازسىڭىز بولىۋېرىدۇ، ئۇيغۇرچە يېزىش ئۈچۈن ئويغان كىرگۈزگۈچنى قاچىلاڭ.
ئەگەر Google ھېسابىڭىز بولمىسا Comment as دىن Name/URL ياكى Anonymous نى تاللاپلا يازسىڭىز بولىدۇ.