2009/05/13

"ھاراقكەش" فىنلاندىيلىكلەر

بۇ يەردە ھېيت-بايرام بولسا ئادەتتە ئۆيدىن تالاغا چىقمايتتىم. بايراملارنىڭ كۆپىنچىسى مېنىڭ بايرىمىم ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىللە تەبرىكلىشىپ بەرگۈدەك يېققىن ئاغىنەممۇ يوق ئىدى. شۇڭا بايراملار ماڭا ھېچقانداق چوڭقۇر تەسىر قالدۇرالمىدى. بىراق ۋاپۇ ئۇنىڭغا ئوخشىمىدى. ۋاپۇ دېگېنى بىزنىڭ 1-ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر كۈنىمىزكەن. 4-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچتىن باشلاپلا پۈتۈن شەھەر بايرام قىياپىتىگە چۆمدى، خىيالىڭىزغا ئالايېشىل كىيىنگەن دۇمباقچىلار، ئەجدىھانى كۆتۈرۈپ كوچا ئايلىنىۋاتقانلار كېلىۋاتامدۇ؟ ياق ئۇنداق ئەمەس ...

ھېكايەمنى ئەتىگەندە ئىشقا ماڭغاندىن باشلاي، ئىشقا كېلىۋاتقاندا شەھەر مەركىزىدىكى مەيداندا نۇرغۇن شەھەر پۇقرالىرى يايما يېيىپ ئۆزى ئىشلىگەن يېمەك-ئىچمەكلەرنى سېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئىدارىدە چۈش بولغاندا Happy wappu!! We gonna party from 1:30 دەپ خەت كەلدى، ۋاھ، چۈشتىن كېيىن تازا قىزىق ئولتىراش بولىدىغان بولدى، ھەجەپ ياخشى دەپ تاقەتسىزلىك بىلەن ساقلىدىم. چۈشتىن كېيىنمۇ بولدى، كافېيخانىدا بىر مۇنچە ئىدارىدىكى ئاياللارنىڭ چۇقان سۈرەنلىرى ئاڭلاندى، بىراق ئىشخانىدىكىلەر ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۆز ئىشىنى قىلىۋەردى...ھېچكىممۇ ۋاي ئولتىراش بولسا چىقىشمامسەن دەپ ئىزدەپ كىرمىدى، مەنمۇ ئامالسىز ئىشىمنى قىلىپ ئولتاردىم، چۇقان-سۈرەنلەر 2 دىن ئاشقاندا تىنجىپ قالدى. ئەمدى چاي ئالغىلى كوفىخانىغا كىرسەم جوزىدا يوغان بىر سېۋەتتە يېرىم شېكەر سەپكەن قۇيماق، يېنىدا ئىككى بوتۇلكا ئىچىپ يېرىم قالغان مىۋە شەربىتى ۋە بىر مۇنچە سۇلياۋ ئىستىكان تۇراتتى. ھە بايامقى ئولتۇرۇشنىڭ ئىزنالىرىكەندە دېدىم. بىر يوغان پاڭزا سېۋەتنىڭ يېنىدا تۇرۇۋېلىپ ئاشقان قۇيماقلارنى يەۋاتاتتى.. بايىقى ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىشقانلار ئىشخانىلىرىغا كىرىپ ئۆز ئىشلىرىغا كىرىشىپ كەتكەن ئىدى.
ئىشتىن بالدۇرلا چۈشتۈم، ئىشخانىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە بۈگۈن فېنلاندىيەدىكى ھەر قانداق ئادەم ھاراق ئىچىدىكەن، بۇنى ئىشتىن چۈشكەندە بىلدىم. بۇرۇن قەھۋە ساتىدىغان كېچىككىنە دۇكانلارمۇ بۈگۈن كوچىغا جىق جوزىلارنى تىزىپ ھاراق ساتقىلى تۇرۇپتۇ، تېخى كۈپكۈندۈزدىلا پۈتۈن شەھەردىكى قاۋاقلار لىق ئادەم بىلەن تولغانئىدى. يەنە نۇرغۇن ئادەم ئۆچرەت ساقلاپ تۇراتتى. ئورۇنلارنى قېرى مومايلار چۈشتىلا كېلىپ ئىگىلىۋاپتۇ، پىۋىسىنى ئىچكىنىچە يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە مەغرۇر قاراپ ئولتۇرىشاتتى. بۈگۈن مېنىڭمۇ گېلىم قىتىشىپ ئۆزەم يالغۇز بولساممۇ بىر پوتۇلكا پىۋا ئىچىشنى قارار قىلدىم. يامان يېرى بۈگۈن قاۋاقلارنىڭ سودىسىنى قوغداش ئۈچۈن تاللا بازارلارنى بالدۇرلا تاقىۋېتىپتۇ. ئاغىنەمگە تېلىفون قىلىپ قايسى قاۋاق ياخشى دەپ سوراپ يۈرۈپتىمەن، كېيىن بىر مەزگىل ئۆتكەندە بۇ كېچىككىنە شەھەر پۈتۈنلەي بىر قاۋاققىلا ئايلاندى... كىشىلەر بالدۇرلا يەشىكلەپ پىۋىلارنى ھازىرلاپ قويۇپتۇ ئەمەسمۇ، دەريا بويىدىكى چىملىق پىۋا ئىچىشىۋاتقان ياش بالىلارغا لىق تولدى، بۇ خۇددى كىشىگە يۇرتتىكى قالايمىقان تەنتەربىيە مۇسابىقە كۈنلىرىنى ئەسلىتەتتى. كوچىلاردا ئاق شەپكە كىيگەن قىز-يىگىتلەر قوللىرىغا پىۋىلارنى كۆتۈرۈشۈپ ئۇياق بۇياق ماڭاتتى، كۆپىنچىسى ئاللىبۇرۇن مەس بوپ كېتىشكەن، قالايمىقان ۋارقىرىشىپ ناخشا ئېيتىشاتتى، كوچىلار بوتۇلكىلار بىلەن تولۇپ كەتتى، قارىماققا بۇلار بىر يىلدىن بۇيان ئىچىگە يىغىلىپ قالغان ئەسەبىيلىكلىرىنى بىر يولىلا چىقىرىپ تاشلىماقچى بولغاندەك قىلاتتى...بىراق بىر غەلىتە يېرى شۇكى ھېچكىم ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاشمايتتى ھەم ئۇرۇشقان كىيىم-كېچەكلىرى توپىغا مىلەنگەن ھېچكىمنى كۆرگىلى بولمايتتى...
مەنمۇ شۇ مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلغاچ بىر كوچىنى بويلاپ كېتىۋاتاتتىم، ئالدى تەرەپتىن قوللىرىغا بوتۇلكا كۆتۈرىشىۋالغان يېرىم يالىڭاچ ئىككى مەس قىز بىر-بىرىنى يۆلىشىپ چىقىپ قالدى، ئارىدىن بىرى ماڭا "موي!" دەپ ۋاقىردى، مەنمۇ موي دەپ جاۋاپ قايتۇردۇم، "مىكا ھۈۋە ۋۇتتا ھىچچا مىيو مىيو..%!$#%@" مەن فېنچە ئۇقمايمەن دېدىم، ئۇ ئەمدى ئېنگىلىزچە سۆزلەشكە باشلىدى، ئىچىمدە جىددىيلىشىپ تۇراتتىم، بەلكىم بۇنداق ئىشنى يۇرتتا مەڭگۈ ئۇچراتمىسەم كېرەك. ئۇ ماڭا "بۈگۈن دېگەن ۋاپۇ!! بۈگۈن ھەممە كىشى خوشال بولدىغان كۈن!!!" دېدى، مەن توغرا، دېدىمدە خەپپىي ۋاپۇ! دەپ سول قولۇمنى ئېگىز كۆتۈردۈم، ئۇلارمۇ ئىككىلىسى تەڭلا خەپپىي ۋاپۇ دەپ قوللىرىنى كۆتۈرۈشتى... مەن شۇ چاغدا غىپپىدىلا يان كوچىغا قاراپ بۇرۇلدۇم...

رەسىمدىكىسى مەن ئېيتقان دەريا بويىدىكى چىملىقتا يىغىلىپ ھاراق ئىچىشىۋاتقان ياشلار


ئېرى بىلەن ۋاپۇنى خوشال ئۆتكۈزۈپ، قولىغا كېچىك بالىدەك شارنى قۇچاقلىغىنىچە ئۆيىگە قايتقان 40 نەچچە ياشلار چامىسىدىكى ئايال

بەرقىي مۇنبىرىدە بىرەيلەننىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە بۇ ئەسلىدە فىنلاندىيەلىكلەرنىڭ (بارلىق خرىستىيانلار، كاتولىكلەر، ئورتودوكس خرىستىيانلارنىڭ) دىنىي بايرىمى ئىكەن. بۇ بايرامنىڭ بىزچە ئىسمى: «نان، ھاراق شاراپ مۇراسىمى»، ئىنگلىزچە: Eucharistic Prayer. بۇ يەردە «نان» (bread)دېگەندە ئەيسانىڭ گۆشى ، شاراپ دېگەندە ئەيسانىڭ قېنى (blood) كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ دىنىي مۇراسىمىنىڭ مىڭ ئالتە يۈز يىلغا يېقىن تارىخى بار. بۇ بايرام ياكى مۇراسىم خرىستىيان (the Evangelical Lutheran Church ) ۋە كاتولىكلەردە مۇھىم دىنىي بايراملاردىن بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇلار بۇ كۈنى ھاراق ئىچىپ مەست بولغىنىنى ئىبادەت دەپ بىلىدۇ. ھېلىمۇ ئۇ كۈنىسى ھاراق ئىچمەپتىمەن، بولمىسا ئەيسانىڭ قېنىنى ئىچكەن بولاركەنمەن.

The Anaphora is the most solemn part of the Divine liturgy, Mass, or other Christian Communion rite where the offerings of bread and wine are consecrated as the body and blood of Christ. This is the usual name for this part of the Liturgy in Eastern Christianity, but it is more often called the Eucharistic Prayer. When the Roman Rite had a single Eucharistic Prayer or Anaphora, it was called the Canon of the Mass.
Other parts of an anaphora include (not always in the same order) the priest's pronouncing, within the framework of a short account of the Last Supper, the words of Jesus Christ who changed the bread and wine into his body and blood (the "Words of Institution"); the Anamnesis, a remembrance of Christ of the mysteries of his death, resurrection and ascension; the Oblation, an expression of offering of the sacrifice of Christ, usually tied with the offerings of the congregation; the Epiclesis, asking God the Father to send the Holy Spirit for the consecration of the bread and wine and for the sanctification of those who will receive them; the Intercessions or Diptychs, praying for the living and the dead, and also expressing communion with the chief pastors of the Church on earth and the saints in heaven; and a concluding doxology.

0 دە ئەۋەتكەن.:

ئىنكاس يېزىڭ:

ئىنكاسنى قايسى تىلدا يازسىڭىز بولىۋېرىدۇ، ئۇيغۇرچە يېزىش ئۈچۈن ئويغان كىرگۈزگۈچنى قاچىلاڭ.
ئەگەر Google ھېسابىڭىز بولمىسا Comment as دىن Name/URL ياكى Anonymous نى تاللاپلا يازسىڭىز بولىدۇ.