نىيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى خەۋىرى:
فىنلاندىيىلىكلەر قانۇن-تۈزۈمگە ناھايتى رىئايە قىلدىغان بولۇپ فىنلاندىيىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسپىتى پۈتۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدە ئەڭ تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ. يەنە كېلىپ تۈرمىگە كىرسىمۇ ناھايتى راھەت ئىچىدە ياشايدۇ چۈنكى فىنلاندىيە تۈرمىلىرىنىڭ دەرۋازىسى ۋە قورشاۋ تېمى يوق. قورال تۇتقان قاراۋۇللىرىمۇ يوق.
سىۋاۋېي فىنلادىيەدىكى بىر مەھبۇس بولۇپ ئۇ ئەگەر چوقۇم تۇرمىدە يېتىشقا توغرا كەلسە مەن فىنلاندىيەدە بولۇپ قالغىنىمغا ناھايتى خوشالمەن. چۈنكى مەن فىنلاندىيەنىڭ تۈرمە سىياسىتىگە ئىشىنىمەن دېگەن. فىنلاندىيە تۈرمە سىياسىتى پۈتۈن ياۋروپا بويىچە ئەڭ مېھرىبان بولۇپ، مەھبۇسلارغا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىقىدىن دائىم ياۋروپا ئىتىپاقىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرايدۇ.
پۇقرالاردىن راي سىناش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە فىنلاندىيە پۇقرالىرى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئىچىدە ساقچى ئىدارىسىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىكەن. نوپۇس نىسپىتى بويىچە سېلىشتۇرغاندا فىنلاندىيە ساقچى كۈچى ياۋروپا بويىچە ئەڭ تۆۋەن ئورۇندا تۇرسىمۇ، چىرىكلىشىش پەقەتلا كۆرۈلمىگەن ھەم 90 پىرسەنت چوڭ ئەنزىلەرنى پاش قىلغان.
تۈرمە باشلىقى سامىنون مۇنداق دەيدۇ:"بىز كىشىلەرنىڭ بىزنىڭ تۈرمە سىياسىتىمىزگە قىزىقىدىغانلىقىنى توغرا چۈشىنىمىز، ئەگەر سىز بىزنىڭ تۈرمىمىزگە كېلىپ ئايلانسىڭىز تۈرمىنىڭ ناھايتى ئىللىق مۇھىتتا ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز".
فىنلاندىيەنىڭ مەدەنىيىتى پۈتۈنلەي دېگۈدەك تەپرىقىچىلىك تۈزۈمى يوق، سىكادىنونلار دۆلەتنىڭ مېھرىبانلىقىغا ئىشىنىدۇ ھەم ھۆكۆمەت ئورگانلىرىغا ئىشىنىدۇ. بۇ بىر خىل مۇلايىم بولغان ھەققانىيەت. بۇ خىل ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي باراۋەرلىك كۆز قارىشى ۋە جەمئىيەت پاراۋانلىق تۈزۈمى دۆلەت ئىچىدە ئۇرۇش-غەليان يۈز بەرمەيدۇ. جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسپىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلەيدۇ.
فىنلاندىيە تۈرمىسىگە كىرىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلسىڭىز تۈرمىنىڭ ئوچۇق شەكىلدىكى تۈرمە ياكى يېپىق شەكىلدىكى تۈرمە ئىكەنلىكىنى ئايرىيالمايسىز. تۈرمە باشلىقى ھامىڭلىنانىڭ ئېيتىشىچە ئۇ يېپىق شەكىلدىكى تۈرمىكەن، بىراق سىز ماشىنا ھەيدەپ تۈرمىگە كەلسىڭىز توساپ تۇرغان چوڭ ئىشىكنى كۆرەلمەيسىز.
ئەسلىدە مەخپىي ئېلىكترونلۇق كۈزىتىش ئاپپاراتى ۋە سىگنال ئاپپاراتى ئورنىتىلغاندىن كېيىن تۈرمە دەرۋازا ۋە قورشاۋ تاملارنى ئېلىۋېتىشنى قارار قىلغان ئىكەن. تۈرمە ئىچىدە ئېغىر تۆمۈر ئىشىكلەر مېتالدىن ياسالغان يوللار ۋە قاراڭغۇ كامېرلارنىڭ ئورنىنى گىلەم سېلىنغان يوللار ۋە كەڭ-كۇشادە يوللار ئاپتۇ.
قاراۋۇللارغا قورال سەپلەنمىگەن، ئادەتتىكى كىيىمىنى كىيمىسىلا ساقچىلىق گېربى ئورنىتىلمىغان ساقچى كىيىمى كىيگەن بولۇپ ئارتونوڭنىڭ ئېيتىشىچە پۈتۈن تۈرمىدە ئون تال قورال باركەن، ھەممىسى ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىكى بىخەتەر ئىشكاپقا قۇلۇپلاقلىقكەن.
بۇلاردىن باشقا فىنلاندىيىدە يەنە نۇرغۇن ئوچۇق شەكىلدىكى تۈرمىلەر باركەن. مەھبۇسلار بىلەن گۇندىپايلار ئۆزئارا ئىسمىنى چاقىرشىدىكەن. تۈرمە باشلىقىنى ھەربىي ئەمىلى بىلەن ئاتىماي دىرېكتور ياكى باشلىق دەپلا ئاتايدىكەن. مەھبۇسلارنى خېرىدار ياشراقلىرىنى ئوقۇغۇچى دەپ ئاتايدىكەن.
كىلاۋا تۈرمىسىنىڭ باشلىقى يېسىنمىڭ "بىز ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى" دەيدۇ. تۈرمىلەر مەھبۇسلارغا كەڭ-كۇشادە رۇخسەت سوراپ ئۆيىگە قايتىشىغا يول قويىدىكەن بولۇپمۇ قاماق مۇددىتى توشۇش ئالدىدا تېخىمۇ شۇنداقكەن. قاماقتا ياتقىنىغا بىر يېرىم يىلدىن ئاشقان مەھبۇسلارغا تۈرمىدە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇشىغا ئۆي ئاجرىتىپ بېرىدىكەن. ھەر قېتىمدا ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا تۆت كۈن بىللە تۇرۇشقا بولىدىكەن.
تۈرمە باشلىقى خامىڭلى مۇنداق دەيدۇ:"بىزنىڭ قارىشىمىزچە ئەركىنلىكتىن مۇستەسنا قىلىشنىڭ ئۆزى ئەڭ قاتتىق جازا."
ئەسكەرتىش:
فىنلاندىيىدە جىنايەت ئۆتكۈزگەن جۇڭگولۇقلار ساقچى تەرەپ ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلىدۇ. ئايروپىلان بېلىتىنى ۋاقتىنچە جۇڭگو ئەلچىخانىسى تۆلەپ تۇرىدۇ، كېيىن مەھبۇس ئۆزى تۆلەيدۇ.
2009/05/23
فىنلاندىيەدىكى تەلەيلىك مەھبۇسلار
خەتكۈچ: جەمئىيەت
بۇ تېمىنى Kümüsh Oq سائەت 5/23/2009 01:39:00 PM
ئىنكاس يېزىڭ:
ئىنكاسنى قايسى تىلدا يازسىڭىز بولىۋېرىدۇ، ئۇيغۇرچە يېزىش ئۈچۈن ئويغان كىرگۈزگۈچنى قاچىلاڭ.
ئەگەر Google ھېسابىڭىز بولمىسا Comment as دىن Name/URL ياكى Anonymous نى تاللاپلا يازسىڭىز بولىدۇ.
بۇ يەرنى بېسىپ مۇشتىرى بولۇڭ
Post Comments - Atom






0 دە ئەۋەتكەن.:
ئىنكاس يوللاش