2009/05/05

Nokia يانفونلىرىنىڭ قاتتىق ۋە يۇمشاق فورماتلاش كودى

Nokia پەچەت جۇمۇ، ھې ھې... بۈگۈن يېڭى بىر ھۈنەرنى ئۆگىنىۋالدىم.
نەچچە كۈندىن fontrouter نىڭ كودى بىلەن ئېتىشىپ، ئاخىرى يۈز بەردى، نوكىيا E71 سۆيۈملۈك يانفونۇم قوزغالماسلا بولدى، pc suite مۇ تونۇماسلا بولدى توردىن ئىزدىسەم بىر جايلاردا مەخسۇس قورال بىلەن سېستىمىنى قايتىدىن ئورنىتىش كېرەك دەپتۇ، ئۇ قورالنى مىڭ قىلىپمۇ چۈشۈرەلمەي تازا جىلە بولۇپ تۇرغاندا بىر يەردىن بۇ ئۇسۇلنى ئۆگىنىۋالدىم.
قاتتىق فورماتلاش: "*" ، "3" ۋە تېلىفون ئۇرۇش كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ، دىققەت ھەرگىز قويۇۋەتمەڭ، يانفوننى قوزغىتىڭ، كۆك رەڭلىك Nokia دېگەن خەت كۆرۈنگىچە، بىر مىنۇتقىمۇ قالماي، يانفونىڭىزنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىغا ئورنىتىلغان ھەممە نەرسە تازلىنىپ، سېستىمىڭىز زاۋۇتتىن چىققان ھالەتكە كېلىدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئوڭشىلىپ قالدى.
يۇمشاق فورماتلاش: بۇ ئۇسۇلنى ئىشىلتىش ئۈچۈن يانفون چوقۇم ئاۋال قوزغىتىلىشى كېرەك.

*#7370#

يۇقارقى كودنى كىرگۈزۈڭ. سىزدىن مەخپىي نومۇرنى سورايدۇ، دەسلەپكى مەخپىي نومۇرى 12345. نەتىجىسى يۇقارقى ئۇسۇل بىلەن ئوخشاش.

2 دە ئەۋەتكەن.:

dolkun731 يازغان ئىنكاس:

بۇيەردە بەلكىم سىزگە كېرەكلىك بىرەر نەرسە بۇلۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ، كۆرۈپ بېقىڭ!يە ماۋۇمۇ بار

Ekrem يازغان ئىنكاس:

سىزنىڭ بىلوگىڭىزنى بۇرۇنراق كۆرگەن بولسام ياخشى بولاركەن، يۇقارقى ئۇسۇلنى تاپقىچە ئىككى كۈن دەككە-دۈككىدە يۈردۈم... ھازىر ئوڭشىلىپ قالدى، رەھمەت

ئىنكاس يېزىڭ:

ئىنكاسنى قايسى تىلدا يازسىڭىز بولىۋېرىدۇ، ئۇيغۇرچە يېزىش ئۈچۈن ئويغان كىرگۈزگۈچنى قاچىلاڭ.
ئەگەر Google ھېسابىڭىز بولمىسا Comment as دىن Name/URL ياكى Anonymous نى تاللاپلا يازسىڭىز بولىدۇ.